سۇبات ناخشا-مۇزىكا
سۇبات ناخشا-مۇزىكا(2.3.5)
2017- يىلى 01- ئاينىڭ 21- كۈنى 86512 قېتىم چۈشۈرۈلدى
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : قويغۇچ ۋە رەسىم,ناخمۇزىكا
سۇبات كۈيچىسى سۇبات تورى بايرىقى ئاستىدىكى مۇزىكا ھەمبەھىرلەش سۇپىسى
چۈشۈرۈش ناھايىتى ئاسانلاشتۇرۇلدى
يانفۇنىڭىزدا سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى
سىكاننىرلاپ يانفۇنىڭىزغا چۈشرىسىڭىز بولىدۇ
كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
ئەپ قىسقىچە ئىزاھاتى
سۇبات تور-تېخنىكا شىركىتى رايۇنىمىز تور-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈزلىكسىز تىرشىپ، يېڭىلىقلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. سۇبات ئۈندىدار سالونى ئ‍ۆزىنىڭ نادىر ،يېڭى ۋە پاكىز مەزمۇنلىرى بىلەن رايۇنىمىز سالون مەدەنىيتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن شۇ يېڭىلىقلاردىن سۇبات ناخشا-مۇزىكا ئەپ دېتالى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.

يېڭى نەشىرگە قوشۇلغان ئىقتىدارلار :

1. ناخشا، ئاۋازلىق ئەسەر چۈشۈرۈش.
ھازىرغۇچە رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ناخشا قويۇش دېتاللىرى ياسالدى، بىراق كۆپۈنچە دېتاللارنىڭ ئۆمرى يېرىم يىلغا بارمىدى. سەۋەبى ھەر خىل.
سۇبات ئەپ دېتالىدا(ئالما، ئاندرويىد) ناخشىلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى چۈشۈرۋېلىپ تورسىز شارائىتتىمۇ بىمالال ئاڭلىغىنى بولىدۇ.

2.ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ھەممىمىزگە قۇلايلىقلانى ئېلىپ كەلمەكتە. سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ناخشا ياكى ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى ئاۋازلىق دەپ بەرسىڭىزلا تاپالايسىز.

3.چاستوتا قۇرۇش.
ئارىمىزدا ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەشكە قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بۇ ئارزۇيىڭىز رىئالىققا ئايلانغۇسى، ئەپ دېتالنىڭ ئۆزىدىلا ئۈنگە ئېلىش، مۇزىكا قوشۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ئۈنگە ئالغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى باھاسىنى ئ‍ۆزىڭىز بەلگىلەپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارغا سالالايسىز.
كومپىيوتىردا ئىشلەنگەن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى بازارغا سېلىش تور ئادرېسى : music.subat.cn
يەنە تېخى ئۈندىداردىكى پاراڭ خاتىرسى ۋە لىكسىيەلەرنىمۇ ئۈنگە ئېلىۋالالايسىز.


4.تىزىملىك قۇرۇش.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۆزىمىز ياقتۇرغان ناخشىلارنى ئۆزىمىز خاس تىزىملىك قۇرۇپ ساقلىۋالالغىنى، چۈشۈرۋالغىنى ھەمدە باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ بەرگىنى بولىدۇ.
يېڭى ئىجادىيەت قىلغان ناخشىچىلار ناخشىلىرغا باھا بەلگىلەپ ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارلاشتۇرسا بولىدۇ.
ناخشا يوللاش تور ئادرېسى : music.subat.cn

5.خاس تەۋسىيە.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە سىزنىڭ ناخشا ئاڭلاش خاراكتىرىڭىزغا ئاساسەن سىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ناخشىلارنى باش بەتتە تەۋسىيە قىلىپ بىرىدۇ.

6.ئۈندىدار بىلەن باغلانغان.
سۇبات ئەپ دېتالىنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلىۋالسىڭىز ھەقلىق تەمىنلەنگەن ناخشا ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئۈندىداردا پۇل تۆلەپ سېتىۋالالايسىز.
رادىئ‍و چاستوتىسى قۇرۇپ ياكى ناخشا ئارقىلىق تاپقان پۇلىڭىزنى ئۈندىدارغا يۆتكىۋالايسىز.

7.شەرەپ تاختىسى.
سۇبات ئەپ دېتالى يېڭى نەشىردە ئەپتىكى ناخشىلار قويۇلۇش قېتىم سانىغا ئاساسەن دەرجىگە تىزىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەپتىلىك ، ئايلىق ئاۋات ناخشىلار تەرتىپ بويىچە شەرەپ تاختىسىدا كۆرۈنىدۇ.

8.قوش تىللىق.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قىلىپ ياسالغان. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئاڭلىيالايسىز.
بۇ نەشىردىكى يېڭىلىقلار
تۈزۈتۈلگەن مەسىلىلەر:
1.چاستوتا ئەگىشىش يېڭىلىنىش خاتالىقى.
2.يەنە بەزى خاتالىقلار تۈزتىلدى.
新公网安备 65010202000066号
新ICP备14001103号-1