ئىزدەش

ئىزدەش

چوڭلىقى : 12.77 MB نەشىرى : 3.9.4
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : دائىملىق قۇراللار,ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش
2018- يىلى 05- ئاينىڭ 26- كۈنى 169734 قېتىم چۈشۈرلدى

ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمان

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • ئىزدەش
  • ئىزدەش
  • ئىزدەش

تەپسىلاتى :

ئىزدەش« IZDAX.COM » تورى، شىنجاڭ بىلىگيار ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى تەۋەلىكىدىكى مەزمونى مول تور بەت.
ئىزدەش ئەپ دىتالى بولسا ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ، خەنزۇچە گەپ قىلسا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ، خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تارتىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش قاتارلىق يوقۇرى تېخنىكىلىق ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە قوش تىللىق تەرجىمە لوغىتى، شۇنداقلا ئاۋاز ئارقىلىق توربەت ئىزدەش، خەۋەر ئىزدەش،ناخشا ئىزدەش، فىلىم ئىزدەش، ئەپ ئىزدەش، رەسىم ئىزدەش، سالون ئىزدەش، كىتاب ئىزدەش ۋە مەھسۇلات ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. ئۇندىن باشقا ئىزدەش تورى ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋا رايى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. نوپۇزلۇق خەۋەر تورلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى ئىزدەش تورىدا جەملىنىدۇ. ئەگەر سەپەر قىلماقچى بولۇپ، ئايروپىلان بېلىتى لازىم بولسا ئىزدەش تورىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سەھىپىسىگە كىرىپ، بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.ماشىنىڭىزنىڭ قاتناش خىلاپ قىلمىشى بار-يوقلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەش تورى دوستلارغا مەخسۇس قاتناش خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تەمىنلىگەن بۇلۇپ، ئىشلىتىشىگە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. سىز قانداق كىتاب ئوقۇشىڭىزنى بىلەلمەيۋاتقان ياكى سىزگە كىتاب لازىم بولغان بولسا ئىزدەش تورىنىڭ كىتاب سەھىپىسى بۇ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلغۇسى. كىتاب سەھىپىسىگە خېلى كۆپ مىقداردا كىتاب قويۇلغان بۇلۇپ، توردا زاكاس چۈشۈرۈپ سېتىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەقىقەتەن تولىمۇ قولاي. كىتاب تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ كىتاب سانى بارغانسېرى كۆپەيگۈسى! ناخشا، فىلىم ، ئۇلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلار دوستلارغا ئۇنچە بەك ناتۇنۇش ئەمەس. يەنە تېخى ئەپلەرمۇ بار جۇمۇ! توردىن مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئىزدەش تورىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىشەنچلىك، سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ!

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

يېڭىلىقلار:
1.يېڭى نەشىرىدە ئاۋاز تونۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتىتىمۇ ئاۋازنى توغرا تونۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشىلىنىپ ، ئاۋاز ئارقىلىق مەزمۇن ئىزدەش ۋە تەرجىمە قىلىشقا زور قولايلىق يارىتىلدى.
2.ئاندىروئىد نۇسخىسىغا رەسىمگە تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
3.ئاندىروئىد نۇسخسىغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى تولۇقلاندى.

تورداشلار ئىنكاسلىرى (95)

  • مەمەتئابلا مەتتوختى 1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋازلق گەپ قلسام ھوقوق بارماپسز داپچقۋالدى قانداق قلسام بولا

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    رەسىمدىكى خەتنىمۇ ھەم شۇنداق .

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    يازما تەرجىمە قىلىشتا، ئون قېتىم تەرجىمە قىلغان بولسا توققۇز قېتىم چىكىنىپ كېتىدۇ .

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئەپ نورمال ئىشلىمەيدۇ .

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئېكراندىن چېكىنىپ كەتمەيدىغان، رەسىملىك خەت ۋە مەزمۇندىكى خەتلەرنى بىمالال تەرجىمە قىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان بولساڭلار .

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاساسى جەھەتتىن رەسىملىك خەتنى تەرجىمە قىلمايدۇ .

  • تورداش 2 ھەپتە ئىلگىرى

    چېكىنىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنتايىن كۆپ .

  • ئابلەت 2 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشىمۇسىلەر ، دېتالنى ئاچسام ، « ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىشقا ھوقۇق بەرمەپسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋاتىدۇ .

  • نۇرئىلىجان 2 ھەپتە ئىلگىرى

    چۇشىرەلمىدىم

  • ئابودوروسول مىجىت 3 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇرەتكە تارتىپ تەرجىمە قىلىش ئىشلىمەي تورۋالدى

  • بۈسۈدە 1 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئىكەن

  • 布苏迪罕.努尔麦麦提 1 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن

  • 布苏迪罕 1 ئاي ئىلگىرى

    راس ياخشىكەن

  • ئەنسەر 1 ئاي ئىلگىرى

    راسلا ياخشكەن
    چقمايۋاتدۇ دەۋاتقانلا تېلېفونىڭىزنى تازىلاپ قويۇڭ

  • ئاشىق 1 ئاي ئىلگىرى

    چۈشمەيۋاتىدۇ

  • ھوشۇر مەتجان 1 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپتە تەرجىمە قىلۋاتقان ھازىر ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ كىتىدىغان بوپ قالدى قانداق قىلسام بولىدۇ ياردەم قىلىڭلار

  • ئىبادەت 1 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى بەك ياخشى كۆرەتتىم بىراق،كىيىن يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى ھازىر چۈشۈرەي دىسەم بولمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام بولا ؟ياردەم قىلىڭلارچۇ !

  • ئەمەر جان 2 ئاي ئىلگىرى

    مەن تەرجىمە قلۋاتاتم توساتن تەرجمە قلماس بولۇپ قالدې قانداق قلساق تەرجمە قلغلې بولدۇ

  • مەمەتجان ، قەييۇم . 2 ئاي ئىلگىرى

    سىلەر . ھەممىڭلارچۇ ؟

  • ئىبادەت 2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى بەك ياخشى كۆرەتتىم بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن تەرجمە قىلمايدىغان بولۇپ قالدى ؟ بۇنى قانداق قىلسائوڭشىلدۇ

  • مەمەت ئېلى 2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپنىڭ تىل ئۆگىنىشىمىزگە ياخشى ياردىمى بولىۋاتىدۇ. لېكىن تېز ھەم توغرا تەرجىمە قىلمايۋاتىدۇ . يەنە ئۈستىدە پىنيىن چىقسا بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم .

  • ئەخمەت ئەخەت 2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن

  • ئاۋۇت تۇنىياز 2 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا ياخشى ئىكەن

  • بۇمەرەم 2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئەپكەن

  • مەمەتتۇرسۇن 3 ئاي ئىلگىرى

    تەرجىمە قىلماس بولۇپ قالدى قانداق قىلسام ئوڭشىلىدۇ ؟

  • 吐尼牙孜 3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئىكەن تەرجىمە قىلدىكەن

  • ماھىرە 4 ئاي ئىلگىرى

    مەن قاچىلىيالمىدىم

  • مەمەتئىلى 4 ئاي ئىلگىرى

    پەقەت ئاۋازلىق گەپ قىلسام تەرجىما قىلمىدى بۇ ئەپ قانداق قىلسام بولا

  • رەيھان 4 ئاي ئىلگىرى

    مەن ھازىر قاچىلىۋالدىم تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ ،لېكىن پىننىيىن قوشۇلۇپ چىققان بولسا قانچىلىك خۈشال بولاتتىم ،

  • ئابدۇللا 4 ئاي ئىلگىرى

    تەرجىمە قىلىۋاتاتتى ، لېكىن توساتتىن تەرجىمە قىلماس بولۇپ قالدى .

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ